ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى بولغان تىل ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان بولۇپ ، ئىنسانىيەت تارىخىدا كىشىلەرنىڭ ھايۋانات دۇنياسىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەنىدى.ئەمگەك -يەنىي ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىش،ئىنسانلارنىڭ كوللىكتىپ كوللىكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتىنى تۇغدۇرۇپ ، ئۆز ئارا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى ئىپادىلەيدىغان ، مۇناسىۋەتلىشىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئورتاق بىر تىلنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرغان ئېدى .تىلنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تىلنىڭ شەكىللىنىشى ئۇزاق تارىخىي جەريانلارغا ئېگە بولۇپ ، بۇ جەريان ئۇرۇقداشلىق ،تائېپە ، قەبىلە ، مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ، ھەرقايسى مىللەت تىلىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ھەمدە ھازىرقى زامان تىلىنىڭ ئەنە شۇ قەدىمقى ئۇرۇق ، تائىپە ، قەبىلە تىللىرى ۋە شېۋىلەرئاساسىدا تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان جەرياندۇر.كىلياڭ شېۋىسى -دەل ئەنە شۇنداق تارىخىي تەرەققىيات جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، مۇشۇ زىمىندا ياشىغان يېراق قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز تارخىي بوران -چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ ھازىرقى ئەۋلادلارغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يەنە بىر بېباھا بايلىق بولۇپ تارىختىن بۇيان كەڭ كىلياڭلىقلار مانا مۇشۇ بېباھا بايلىققا تايىنىڭ خوشنا ئەل - رايۇنلار بىلەن ۋە ئۆز ئارا زىچ ئالاقە قىلىپ كەلگەن .كىلياڭ شېۋىسىنىڭ لىكسىيكىلىق ۋە فۇنىتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئايرىم توختالغان بولغاچقا بىز مەزكۇر ماقالىدە پەقەت كىلياڭ شېۋىسىدىكى سېمانتىكىلق ئالاھىدىلىك يەنىي كىلياڭ شېۋە-سۆزلۈكلىرىدىكى مەنىداش ، شەكىلداش سۆزلەر ۋە تۇراقلىق ئېبارە(ماقال-تەمسىل ۋە ئېدىيۇم)لەر لەردىن بىر قىسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز..1.مەنىداش سۆزلەر:بىزگە مەلۇمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى شەكلى ھەر خىل ، ئەمما مەنە جەھەتتىن ئوخشاش بولغان سۆزلەرنى بىز مەنىداش سۆز دەپ ئاتايمىز .مەسىلەن :يۈز ، چىراي ، ئۆڭ .. دېگەن بۇ سۆزلەر چىرايدىنلا ئېبارەت بىر خىل مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.كىلياڭ شېۋىسىدە بۇخىلدىكى سۆزلەر نىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە: كىلياڭ شېۋىسىدە ئەدەبىي تىلداساي ، ساياختىن ، ئېۋەتتىن ، مۇشتوقۇم بايامىس ، پاتىشى، پىلتاش ، لىپ ، چوخچا لىپمۇ-لىقغارا ، ياپا ، يەكسۇن ، ھۈددەس،ئادا، مۇددىۋارە،زىم مۇتلەقشاپ ، پات ، تاق تېز ئېگىنياغ ، ئېگىن كىيىم-كېچەكئادا ، تىغ ، غادىياڭ ، ئىيىغ پاكىزبەندوڭ ، پەلتەڭ ئورۇندۇقشوپۇڭ ، شىۋىق ھۆل چىۋىقماردان ، قاسماق ، كاشمارۇك مەينەتجۇنۇپ ، جىناۋەت ، ناپاك تەرەتسىزشاكىراپ ، تۇزلۇغ تۇزلۇقيەبدە ، يەڭ يان ئوچاققا نان ياققاندا قول كۆيۈپ كەتمىسۇن ئۈچۈن قولغا كىيىلدىغان كىگىز ياكى رەختنى نەچچە قات قىلىپ تىكىلىدىغان بىر خىل خالتاجۇللۇغ ، جوندەك ، جۇل قوڭ ، لابدۇ جۇل-جۇل كىيىملىكپىخسىق ، كۇمۇس ، قېۋىل ،قاغجالما بېخىلكاج ، گاجگۇن ، سەپيا تەرساقىژ ، تاغ تاغكالا گوشى، ساقىندى ، سۆرەم ، لايپاس ، لۆش-لۆش لۆم-لۆم ئادەمئامىنامماي ، يىلاڭ دائىمزىياتلىق ، تۇپياق باش قەبرىستانلىقچىم ، غىشا ، قىياق قىياقچەرەندە-پەرەندە ، جەددى خىلاتى ، ئۇيۇغ - ئەپياتى جەددى-جەمەتتاۋادان ، نۆۋەي تەكچەزۇلاتى يامان ، ياللىغىجەك بوينى قاتتىقژىنى يامان ، ئاجۇ ، كەپسەن تويماسقارا بىس ، بەدنىيەت قارا كۆڭۈلئويمات ، توپلاق ، گوراز ئازگالئۆشىن ، دولا مۈرەدولىسى تۇتماق ، خۇيلانماق خۇيى تۇتماقكومشا ، كامشۇك تۇمشۇقجاقا جالتاق ، شاقىلدىغۇچ ئېغىزى يامانپۈدەگچى ، دالتەك چاپانچىئىزا قاپى ، لەتخو يۈزى قېلىنپايتما ، چەگدەم كېگىز پارچىسىداراڭگۇ ، بودىمال دۇز ، كۇسۇۋا ئوغرىگالدۇڭ ، پوق قوساق ، قاپاق ، ئاۋلى گەلدەڭ دۆتمارۇق ، مىشمارۇق بەك ئاجىزلەيتەڭ ، ماجاز كەم ماغدۇرلاكا زىكرەك ، ھېرىپ ھورۇنبۇس ، بوخۇناق ھورتوم نان ، كاكچا توقاچكۈيەدىمەك ، باغجانلىماق باراقسانلىماق 2.شەكىلداش سۆزلەر:بىزگە مەلۇمكى ،ئەدەبىي تىلدا شەكلى ئوخشاش ، لېكىن ئاڭلاتقان مەنىلىرى ئوخشاش بولمىغان سۆزلەر شەكىلداش سۆز دەپ ئاتىلىدۇ .بۇخىلدىكى سۆزلەر كىلياڭ شېۋىسىدىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ ، تۆۋەندە ئۇلاردىن بىر قىسىملىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى:1>ياپا-ياپا دېگەن بۇسۆز جۈملىدىكى كونكىرت ئورۇندا ئاڭلاتقان مەنىسىگە ئاساسەن پەرقكلەندۈرىلىدىغان بولۇپ بىرىنچىدىن:تامامەن ، تولۇق ، پۈتۈنلەي .ئىككىنچىدىن:تاغ باغرى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.مەسىلەن:ئۇ ياپا يالغان سۆزلىدى.قوينى ياپىغا ھەيدىۋاتتىم.2>ساي-ساي دېگەن بۇسۆزنىڭ ئەسلى ئەدەبىي تىلدىكى مەنىسى چۆل -جەزىرە دېگەنلىك بولسىمۇ كىلياڭ شېۋىسىدە ئەسلى مەنىسىدىن سىرىت يەنە بايا ، ھېلى دېگەندەك مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ .مەسىلەن:ئالدىمدا كۆز يەتكۈسىز ساي سوزۇلۇپ ياتىدۇ.بايا دېگەن مەنىدە كەلگەن ساي بىر قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:تۈنۈك باشقا ئاي كەلدى،دادىڭىز تۈگمەندىن ساي كەلدى.كاۋا باراڭلىقتا بالام ،ئۈجمىنىڭ چاتاقتا بالام.............................3>ئېتىز-ئېتىز دېگەن بۇ سۆزمۇ جۈملىدە ئىھتىياجغا قاراپ ،بىرىنچىدىن :يەر مەنىسىنى ئىككىنچىدىن : ئۆينىڭ مىقدار سۆزى بولغان ئېغىز دېگەن مەنىنى بېرىدۇ مەسىلەن:توختاخۇننىڭ ئېتىزى ياپا توننىلىق ئېتىز.مەن بۇ يىل 4 ئېتىز ئۆي ساۋالدىم 4>كالتەك-كالتەك دېگەن بۇسۆز ئەسلى مەنىسىدىكى كالتەكتىن باشقا يەنە قىسقا مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ.مەسىلەن:قوناقنى كالتەكلەپ سوقۇۋىتىلى.بۇ چاپان ساڭا كالتەك كەپ قاپتۇ.5>چىت-چىت دېگەن بۇسۆز بىر بىرىگە تامامەن يات بولغان ئىككى خىل ئىسىمنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ .يەنىي بىرىنچىدىن:شاخ-شۇمبىدىن ياسالغان قاشا،قورشاۋ.ئىككىنچىدىن:بىر خىل نېپىز پاختا رەختنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ.مەسىلەن:قاسىماخۇننىڭ چىتى شورىداپ قاپتۇ ،قويلار چىتنى كۆدەم دېمەي ،ئۇنىڭ باغىغا ئۆتەپ كەتتى.كامىنا(كوممۇنا دېمەكچى)ۋاختىدا چىت دېگەن ناھايىتى ئالىي رەختى(رەخت ئېدى دېمەكچى).6>لەڭگۈك-لەڭگۈك دېگەن بۇ سۆزمۇ بىر بىرىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان ئىككى ئىسىمنى بىلدۈرىدۇ يەنىي بىرىنچىدىن:ئەپكەش.ئىككىچىدىن:كوممۇنا ۋاقتىدا دۈمبىدە يۈدۈپ تاش توشۇشتا ئىشلىتىلگەن شەكىلدىكى ،ياغاچتىن ياسالغان توشۇش سايمىنى لەڭگۈك دەپ ئاتىغان.مەسىلەن:سۇنى بۇنداق ساڭگىلىتىپ ئەكەپ بولاممايسە، لەڭگۈكتە ئەكە.لەڭگۈكىمنىڭ پۇتى چىكىتىپ ، دۈمبەمدىكى تاش چۈ(شۈ)پ كەتتى.7>چىللە-چىللىمۇ كىلياڭ شېۋىسىدە جۈملىدە ئاڭلاتقان مەنىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرىلىدىغان يەنە بىر سۆز بولۇپ ، بىرىنچىدىن : سېسىق پۇراقلىق قىغ .ئىككىنچىدىن : سوغۇقنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىققان پەسلىنى بىلدۈرىدۇ .مەسىلەن: كالىنىڭ ئايىغى چىللە بولاپ قاپتۇ ، ئەتە چۈشەگ ساۋات . چىللىمۇ كىژدى ، ئوتان يوق ، قىشنى قانداق چىقىيمىزكى؟8>سىنجۇ-بىرىنچىسى : تاشنىڭ بىر خىلى بولۇپ ، قاتلىرى خۇددى كىتاپ ۋارىقىدەك ئاجرايدۇ . ئىككىنچىسى: تام ياكى قورشاپ ئۆي سېلىشتاتۆت تامغا يەنىي جەگىنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان(پەرمان تەگلىكى) ياغاچ.مەسىلەن:كۆدەڭمۇ ئەچكەڭ سىنجۇلۇققا چىقۋالدى،ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟سىنجۇنى رەندىلەپ بولدام ،تۆشۈكنى يوغىناتساملا ئىش تۈگەيدۇ.9>كاتەكچە-كاتەكچە دېگەن بۇ سۆزمۇ تۆت چاسا دېگەن ئەسلى مەنىسىدىن بۆلەك يەنە پوستى چالا قالغان بۇغداي دېنىنى بىلدۈرۈپمۇ كېلىدۇ.مەسىلەن:خەنسۇچە خەتنى كاتەكچە دەپتەگە يازغىن!بۇغدىيىڭىزنىڭ كاتەكچىسى بايكەن ، شامال ساندۇققا سالىڭ!10>ئىنجا-بىرىنچىدىن:ئەپ ، پەم .ئىككىنچىدىن:تىكىش دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.مەسىلەن:ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلاغا ئىنجاسى يوق.كۆينەك سەل چوڭ كەپ قاپتۇ ، ئىنجا ئاۋاتساق بولىتكەن3.قارىمۇ -قارشى مەنىلىك سۆزلەر.قارىمۇ-قارشى مەنىلىك سۆزلەر ئالدى-كەينىدىكى ئىككى سۆز مەنىسىنىڭ تۈپتىن زىت بولۇشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، كىلياڭ شېۋىسىدە بۇخىلدىكى سۆزلەرمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:كىلياڭ شېۋىسىدە ئەدەبىي تىلدائىيان-بىيان ئۇياق -بۇياقنەخ-نىسى بار-يوققوياغ-سۇيۇق قويۇق-سۇيۇقئولتو-قوپ ئالدىراش-بېكارئۇلۇغ-ئۇششاق چوڭ-كىچىكئوڭ-چەپپە ئوڭ-سولتوم -ژىنجىگى ئىنچىكە-تومئويداڭ-چۇقۇ،تاكا-تۇمباڭ دۆڭ-چوڭقۇر4.تۇراقلىق ئېبارىلەر:ئۇيغۇر تىلىدىكى نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى بىيىپ ، تۇراقلىشىپ ، ئۆز ىگەئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ مەزمۇننى سىغدۇرۇپ كەلگەن بۇخىلدىكى سۆز بېرىكمىلىرى تۇراقلىق ئېبارىلەر تۈرىگە تەۋە بولۇپ ئۇ ماقال ، تەمسىل ۋە ئېدىئۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كىلياڭ شېۋىسىدە بۇخىلدىكى تۇراقلىق ئېبارىلەرمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ ، بۇ تۇراقلىق ئېبارىلەر ئۆز نۆۋىتىدە كىلياڭ شېۋە سۆزلۈكلىرىنى بىيىتىش ھەم ئالاقە ۋە ئۆز ئارا ئالاقە ئىشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە . كىلياڭ شېۋىسىدكى بۇخىلدىكى فىرازىئولوگىيلىك بېرىكمىلەر تېخى ئەدەبىي تىلغا كىرمىگەن ، باشقا شېۋە ۋە دېئالىكىتلاردا يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالاھىيدە خاراكتىرلىنىدۇ . تۆۋەندە بىز بۇ خىلدىكى سۆز بېرىكمىلىرىدىن بىر نەچچە خىلىنى مېسال تەرىقىسىدە كۆرۈپ ئۆتىمىز:مەن قىلامە توققۇز ،خۇدايىم قىلا ئوتتۇز : بۇ بىراۋنىڭ باشقىلارغا ئورا كولاپ ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ راۋاج تاپماسلىقى ئۈچۈن شۈنچە تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، ھەدىگەندىلا ئىشىدىن چېچەك چىقىپ ، ئارزۇيىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.ئۆز ئېغىلدىن چىققان توپاق ئۇي بومماپتۇ:بۇ ئۆز يۇرتىدا نام -ئاتاق قازانماقنىڭ ، يۈز -ئابرۇي تاپماقنىڭ تەسلىكىگە قارىتىپ ئىيتىلىدۇ .ئىيىغ بولسىمۇ ئېيىڭ ياخشى، ئۆڭۈي بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى:بۇ نېمىلا بولمىسۇن بىر ئايالغا بىر ئەرنىڭ ، ئادەمگە ئائېلىنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىگە قارىتىپ ئىيتىلىدۇ.كوسىغا دوس(ت)بولما ، ناكىستىغا قە(ر)زدا(ر):ئالدامچى بىلەن دوست بولماسلىق، يۈزى يوق ئادەمگە قەرىزدار بولماسلىققا ئۈندەپ ئىيتىلىدىغان سۆز . ئىچىدە روزا تۇتۇپ ، تېشىدا ھىيىت ئويناش: بۇ ھەرقانچە دەرد-ئەلەم تارتسىمۇ قەتئىي باشقلارغا چاندۇرماسلىققا دارىتمىلاپ ئىيتىلىدۇبىر نان تاپسا ئۆگزىگە چىقىپ داپ چالىتقان:بىر بۇغداي بىلەن سەمرىيدىغان دېگەن مەنىدىكى سۆز .سوكىنا قۇرۇق:تۇتامى يوق ، غىتمەكچەگدەم قۇلاق:ياغاچ قۇلاقبولجا ۋاش: تەمبەل ، ئۇستىخانلىق.كەپسەنلەپ يەپ ، مىسقاللاپ چىچىتقان:ئالدا ھام -ھام ، بەردە توختاپ تۇرۇڭ ئادەملەرگە قارىتىپ ئىيتىلىدۇ.نان يەڭ دېسە دىرۋاڭلىغايلا ،ئىشلەڭ دېسە بىر ماڭمىغايلا :ئىشتىھاسى چوڭ ، لېكىن ھورۇن ئادەملەرگە ئىيتىلىدۇلەڭگۈش پاچاق: بويى ئېگىز لېكىن بويىغا تۇشلۇق ماغدۇرى يوق ئادەملەرگە قارىتا ئىيتىلىدۇ . پوقى ئىسكىنىغا دەستە بولىتقان : بېخىل ئادەملەرگە ئىيتىلىدۇ .ئاتلىمىچۇق ئويناتماق: ئەتە - ئۆگۈن دەپ بىرەر ئىشنى بولۇپمۇ ئېلىم - بېرىمنى كەينىگە سوزۇپ ، باشقىلارنى ئالدىغۇچىغا قارىتا ئىيتىلىدۇ . ئىشتانغا چىققان كۆڭەلگە تايىن : ھەركىمنىڭ كىمنىڭ قىلمىشى ئۆزىگە مەلۇم دېگەن مەنىدىكى سۆز .بومماس ئاش كۆكىدىن مەلۇم : بۇ بۇ ئاساسلىقى بالىلارغا قارىتىپ ئىيتىلىدىغان بولۇپ ، ئەدەپ قائىدىگە كىچىكىدىن بويۇنتاۋلىق قىلمايدىغانلارنىڭ چوڭ بولغاندىمۇ ،ئەدەبلىك ، قائىدىلىك ئادەم بولىدىغانلىقىنى شىپى كەلتۈرۈپ ئىيتىلىدۇ ئالا موزاينىڭ بالىسى چالا قۇرۇق:بۇ خۇددى ھىندىستاننىڭ سەرگەردان فىلىمىدىكى راگۇناتنىڭ<<ئوغرىنىڭ بالىسى ئوغرى بولىدۇ ، ساقچىنىڭ بالىسى ساقچى بولىدۇ >>دېگەن گېپىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆز .تېيتاڭ تومۇرىغا تەگمەك:ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك.چاقۇندا قويماق:بىراۋلارنىڭ پۇتىغا ھۆل خىش قويۇپ ، ئۇنىڭ تاماشاسىنى كۆرمەك.ئۆزى يوقنىڭ يۈزى يوق: ئۆزى نەخ مەيداندا بولمىغان ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغانلىقىغا قارىتىپ ئىيتىلىدىغان سۆز........................
2008年10月3日星期五
بلوگقا
博文评论ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
0 ئىنكاس:
ئىنكاس يېزىش